2015-يىللىق دۇبەي خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى دۇبەي دۇنيا سودا مەركىزىدە باشلاندى. بۇ كۆرگەزمە پۈتۈن دۇنيادىكى 150 تىن ئارتۇق ئاپتوموبىل ياساش شىركىتىنى جەلپ قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ ‹‹شەرق شامىلى›› قاتارلىق بىر نەچچە داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىمۇ بار. ھەرقايسى ئاپتوموبىل زاۋۇتلىرىنىڭ كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان ئاپتوموبىلى 600 دىن ئاشىدۇ.
دۇبەي خەلقئارا ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 13 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ياۋروپا رايونىدىكى تەسىرى ئەڭ زور، كۆلىمى ئەڭ چوڭ مەخسۇس ئاپتوموبىل كۆرگەزمىسىگە ئايلاندى.