باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.11.12 18:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرى بېكىتىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ؛ ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەمىنلەش، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى يىتىشتۈرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج زورايتىلىدۇ؛ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغاندا داۋالىنالايدىغان ۋە كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش قارار قىلىندى؛ «خەرىتە باشقۇرۇش نىزامى (دەسلەپكە لايىھە)» ماقۇللاندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىكىلىكىدە 11-نويابىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇش تەدبىرى بېكىتىلىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈلىدۇ؛ ئىستېمالنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى تەمىنلەش، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنى يىتىشتۈرۈپ ۋە شەكىللەندۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياج زورايتىلىدۇ؛ داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياشانغاندا داۋالىنالايدىغان ۋە كۈتۈنەلەيدىغان بولۇشقا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش قارار قىلىندى؛ «خەرىتە باشقۇرۇش نىزامى (دەسلەپكە لايىھە)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتى يىلمۇ يىل ئاشتى، بۇ يىل ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىقيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا تۈرتكە بولدى، بىراق ئامبار قالدۇقى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىش، باھا تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ھازىر كۈزلۈك يىغىم، قىشلىق تېرىلغۇ مەزگىلى، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئاشلىق تېرىش قىزغىنلىقىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. بىرىنچى، كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئامبار ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئاشلىق ئامبىرى سېلىش ۋە رېمونت قىلىپ ئۆزگەرتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ئېھتىياجغا قاراپ ئۆلكە ھالقىپ ئامباردىن يۆتكەش پىلانىنى قوشۇپ تۈزۈپ، شىمالنىڭ ئاشلىقىنى جەنۇبقا توشۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پىششىقلاش كارخانىلىرىنى بازاردىن ئاشلىق سېتىۋېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، «ئاق ھۆججەت بېرىش»، دەرىجە ۋە باھانى تۆۋەنلىتىش ئەھۋالىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، «ئاشلىق سېتىش قىيىن بولۇش» نىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىككىنچى، ھازىرقى ئسكىلاتتا ساقلىنىۋاتقان ئاشلىقنى مۇۋاپىق «سىڭدۈرۈپ»، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋاقىتلىق ساقلىنىۋاتقان كۆممىقوناقنى دۆلەتنىڭ بىر قېتىملىق زاپىسىغا ئايلاندۇرىلىدۇ. ئاشلىقنى ئامباردا ساقلاشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ساقلاش بىختەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچى، قىشلىق ۋە ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەپ، سۇغىرىش ۋە بۇلغىما چىقىرىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق سۇچىلىق قۇرلۇشىنى تېزلىتىپ، دېھقانچىلىق مەبلىغى بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز-ئېرىق قۇرۇلۇشى سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا نۇقتىلىق مايىللاشتۇرۇش كېرەك. تۆتىنچى، ئاشلىق باھاسىنىڭ شەكىللىنىش ۋە ئاشلىقنى يىغىش-ساقلاش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، كۆممىقوناق، دادۇر ياردەم پۇلى سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بۇغداي، شال قاتارلىق ئاشلىق تۈرىدە كېلەر يىلى داۋاملىق ئەڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. بەشىنچى، جەنۇبنىڭ يانتۇ يەرلىرىدە تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يەرنى ئاقتارما قىلىش ۋە كۆمىقوناق، دادۇرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئاشلىقنى يەم-خەشەككە ئۆزگەرتىش» نى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرسىنى كېڭەيتىپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر