باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 23-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2015.11.11 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 10-نويابىر جۇڭگو، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنى ئاچتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى باۋدۇڭ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جۇ گۇاڭرۇڭ، سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ شۇۋېن، خەلق بانكىسى خەلقئارا مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ جۈن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 23-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بىرىنچى، 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىشى توغرىسىدا

  لى باۋدۇڭ مۇنداق دېدى؛ 20 دۆلەت گۇرۇھى(G20) رەھبەرلىرىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنى 15-نويابىردىن 16-نويابىرغىچە تۈركىيەنىڭ ئانتالىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق يىغىنغا قاتنىشىشى جۇڭگونىڭ G20 ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرگە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي ئىسلاھاتنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يىغىن مەزگىلىدە يىغىنىنىڭ بارلىق پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىگە بولغان قارشى ۋە تەشەببۇسىنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر شەرھلەپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقتا خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قېزىپ چىقىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ جۇڭگونىڭ «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلانى توغرىسىدىكى تەكلىپلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى ئورنىتىشتەك سىياسەت تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇرىدۇ؛ يىغىندا يەنە ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىگە جۇڭگونىڭ 2016-يىللىق G20 باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشتىكى ئومۇمىي تەسەۋۋۇرىنى ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ كېڭىشىپ، كېلەر يىللىق باشلىقلار يىغىنىنى غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولىدۇ. يىغىندىن بۇرۇن، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئادەت بويىچە بىرەسمىي ئۇچرىشىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشتا مۇھىم سۆز قىلىپ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرىدىن ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. يىغىن مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر