باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ دائىرىسى ئىچىدىكى بىر قىسىم يولۇچىلار پويىز بېلىتىنى سېتىش ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ

2015.11.12 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : تۈنۈگۈن، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تۆمۈر يول تارماقلىرى شىنجاڭنىڭ باشقۇرۇش دائىرىسىدىكى بىر قىسىم يولۇچىلار پويىز بېلىتىنى سېتىشنى ۋاقىتلىق توختىتىدىكەن.

  كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش مۇنداق :

  بىرىنچى،2016-يىلى1-ئاينىڭ10-كۈنى (پويىز قاتناش باشلانغان كۈن) دىن ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن شىنىڭ، لەنجۇ غەربىي ۋوگزالىغا بېرىپ - كېلىدىغان پويىزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىش ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ.

  ئىككىنچى، 2016-يىلى1-ئاينىڭ 8-كۈنى (پويىز قاتناش باشلانغان كۈن)دىن ۋە شۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنى باش ۋە ئاخىرقى بېكەت قىلىدىغان ئىچكىرىگە ۋە شىنجاڭ ئىچىگە قاتنايدىغان (دىنامىكىلىق تىز پويىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) پويىزلارنىڭ بېلىتىنى سېتىش ۋاقىتلىق توختىتىلىدۇ (1 - ماددىدا بەلگىلەنگىنى بۇنىڭ سىرتىدا).

  يۇقىرىدا بايان قىلىنغان پويىزلارنىڭ بېلەت سېتىلىش ۋاقتى ئەسلىگە كەلگەندە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر