باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

يولداش شى جىنپىڭ تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.11.13 13:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12- نويابىر خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھامىدوۋ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو- تۈركمەنىستان ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشقا قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ بەردىمۇھامىدوۋنىڭ مەخسۇس جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپۇن باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشسىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان يېقىن دوست ۋە ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىدىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى مۇستەھكەم سىياسىي ئاساس ۋە ياخشى ئەلرايى ئاساسىغا ئىگە. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ قۇيۇق مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگونىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىنى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى تۈركمەنىستاننىڭ پائال قوللىشىغا ئېرىشتى. «بىر يول بىر بەلباغ»نى بىرلىكتە قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىستىقبالى ۋە ھەرىكەت تەدبىرىنى ئېلان قىلدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇۋاتقان جۇڭگو- ئوتتۇرا ئاسىيا- غەربىي ئاسىيا ئىقتىساد كارىدورى تۈركمەنىستاندىن ئۆتىدۇ. بىز ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھىرلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، تۈركمەنىستان بىلەن بىللە بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەيمىز. جۇڭگو تۈركمەنىستاننى ئۇزاقتىن بۇيان مۇقىم بولۇپ كەلگەن ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ھەمراھى دەپ قارايدۇ، تۈركمەنىستاننىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتە ھەمكارلىشىش ئۈستىدە مۇزاكىرىلىشىپ، تۈركمەنىستاندىن ئەنئەنىۋى ئەۋزەل مەھسۇلاتلارنى ئېمپورت قىلىشنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ كالىيلىق ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش، ئېلېكتېر ئېنېرگىيەسى، ئۇچۇر تېخنىكا، يېزا ئىگىلىكى، پۇل مۇئامىلە، قاتناش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. بىز تۈركمەنىستان بىلەن ياشلار، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپنىڭ خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئالقىشلايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى رايوننىڭ مۇرەككەپ، كەسكىن خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستان خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە ئورتاق زەربە بېرىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ بىر قاتار خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە مەيدانى ئوخشاش، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ناماياندىسى. جۇڭگو تۈركمەنىستان بىلەن خەلقئارا ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە پىكىرلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر