باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز سۇ، توك باھا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، 2015 − 2017 يىللىق باھا ئىسلاھاتى خىزمەت لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2015.11.11 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى «ئاپتونوم رايوننىڭ 2015 − 2017 يىلى باھا ئىسلاھاتى خىزمىتى لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. باھا ئىسلاھاتىنىڭ نىشانى بولسا بازار باھا سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش. ئاھالىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان سۇ، توك، گاز باھاسىنى ئىسلاھ قىلىشقا نىسبەتەن، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلەرنىڭ سۇ، توك، گاز ئىشلىتىشتە پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  سۇ باھاسى جەھەتتە، ئاپتونوم رايونلۇق سۇ بايلىقى ھەققى ئۆلچىمىنى تەڭشەپ ۋە تۈرگە ئايرىپ، « پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر »نى ئوتتۇرىغا قويدى. قومۇل شەھىرى، سانجى شەھىرى، پىچان ناھىيىسى، ئارىشاڭ ناھىيىسى، قۇتۇبى ناھىيىسى 5 ناھىيە ( شەھەر )دە يېزا ئىگىلىك سۇ باھاسى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇش سىناق قىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاپتونوم رايوننىڭ بىۋاسىتە قاراشلىق دەريا - ئۆستەڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدىكى سۇ تەمىنلەش باھاسى، سۇ ھوقۇقى سۇ باھاسى، شۇنىڭدەك ئاھالىلەرنىڭ ئىشلىتىدىغان سۇنىڭ پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمى قاتارلىقلار يولغا قويۇلىدۇ.

  توك باھاسى جەھەتتە، شىنجاڭ بويىچە سودا – سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان توك باھاسى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ توك ئىشلىتىش يۈكىنى ئازايتىلىدۇ؛ ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توكنىڭ پەلەمپەيسىمان باھا تۈزۈمى يولغا قويۇلىدۇ.

  گاز باھاسى جەھەتتە، گاز تەقسىملەش باھاسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغاندىن باشقا تەبىئىي گاز سېتىش باھاسى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

  نۆۋەتتە، دۆلەت تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتى باھا مېخانىزمى ئىسلاھاتى مەخسۇس ھەركەت پىلانىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كېيىنكى قەدەمدە داۋالاش، تەبىئىي گاز، ئېلېكتر كۈچى، جامائەت ئىشلىرى ۋە جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، باھا ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر