باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئەڭ ئۇزۇن تاق تۈشۈكلۈك تاشيول تۇنېلى كۇڭگۇر تۇنېلىدا قاتناش باشلاندى

2015.11.11 15:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو-پاكىستان تاشيولى G314-لىنىيەسىنىڭ ئويتاغ بازىرىدىن بۇلۇڭكۆل تاشيولىغىچە بولغان بۆلەكنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇش تۈرىدىكى كۇڭگۇر تۇنېلى تۇتاشتۇرۇلدى. بۇ تۇنېلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2635 مېتىر بولۇپ، نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن تاق تۈشۈكلۈك تۇنېل ھېسابلىنىدىكەن.

  كۇڭگۇر تۇنېلى ئىچىدىكى يول يۈزى قوش لىنىيەلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، يولنىڭ كەڭلىكى 10 مېتىر، ئېگىزلىكى 5 مېتىر كېلىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا جىددىي ئاپتوموبىل توختىتىش بەلبېغىنىڭ كەڭلىكى 13 مېتىر كېلىدىكەن. تۇنېل تەبىئىي ئاپەتلەر داۋاملىق يۈز بېرىدىغان يول بۆلىكىدىن خالى بولۇپ، تۇنېل تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن جۇڭگو-پاكىستان تاشيولىنىڭ دۆلەت ئىچى بۆلىكىدىكى ئەڭ خەتەرلىك يول بۆلىكى ‹‹يولۋاس ئاغزى›› بوغما ئېغىز مەسىلىسى تۈپتىن ھەل قىلىنىدىكەن.

  G314-لىنىيەسى ئويتاغ-بۇلۇڭكۆل تاشيول تۈرى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى چېگرىسىدا بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 70.204 كىلومېتىر كېلىدىكەن. بۇ تۈر 2016-يىلى 30-سېنتەبىر تاماملىنىدىكەن، دەسلەپكى لايىھە بويىچە 231 مىليارد 781 مىليون يۈەن كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر