باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماكرولۇق ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلدى

2015.11.13 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈنۈگۈن ماكرولۇق ئىقتىسادىي ھەرىكەت سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، ئاخبارات باياناتچىسى شى زىخەي مۇنداق دېدى: ئالدىنقى ئون ئايدا، كومىتېتىمىز مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن جەمئىي 237 نى تەستىقلىدى، بۇلارغا سېلىنغان مەبلەغ جەمئىي بىر تىرىليون 899 مىليارد 500 مىليون يۈەن كېلىدۇ، يىل ئاخىرىغىچە، ئېلىمىز بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەتلىك ۋاكالەت نومۇرى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ساقلانما مۈلۈك ئىناۋەتلىك نومۇرىنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئاساسىي ئۇچۇرلاردىن تەڭ بەھىرلىنىشنى تېز ئىلگىرى سۈرىدۇ. شى زىخەي بانكىلارنىڭ ھەق ئېلىش مەسىلىسى ھەققىدە مۇنداق دېدى: 150 سودا بانكىسىنىڭ شۆبە، تارماق ئورگانلىرىغا بىر مىليارد 585 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلدى، يېقىنقى مەزگىلدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بىلەن چېتىپ قويۇلغان تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپ ھەق يىغىش ئىشلىرى، بولۇپمۇ كارخانىلارنىڭ يۈكىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئاشۇرۇۋېتىش قىلمىشىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىمىز. شى زىخەي ھەممە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھۆكۈمەت ماشىنىسى ئىسلاھاتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىسلاھاتقان قاتناشقان ئۆز دەرىجىلىك 140 تارمىقىنىڭ ماشىنا ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاندى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ ماشىنا ئىسلاھاتى باشلاندى، مەركەز كارخانىلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ماشىنا ئىسلاھات لايىھەسى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈلۈۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ماشىنا ئىسلاھات لايىھەسىنى ئاساسەن تۈزۈپ بولدى، 29 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر رەسمىي يۇقىرىغا مەلۇم قىلدى، 27 سى تەستىققا ئېرىشىپ، چىقىمنى تېجەش ئۈنۈمى كۆزلىمىدىن ياخشى بولدى. بۇندىن باشقا، شى زىخەي يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئېلېكتىر تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئالتە يۈرۈشلۈك ھۆججىتى تەستىقلاشقا سۇنۇش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، يۈننەن، گۈيجۇ قاتارلىق ئۆلكىلەر ھەر تەرەپلىمە سىناق ۋە مەخسۇس سىناقلارنى يولغا قويدى. نۆۋەتتە، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئالاقىدار پىلانىنى تۈزۈش خىزمىتىنى باشلاپ، نامرات جايلارنى قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى بولدى. دەسلەپكى مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ يىل نامرات جايلارغا مەركەز خامچوتىدىن سېلىنغان مەبلەغ 150 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن يىللىق مەركەز خامچوتىدىن سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر