باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇنجى قېتىملىق شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى ئۆتكۈزۈلىدۇ

2015.11.13 14:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمەت ھەپتىلىكى پائالىيىتى مۇشۇ ئاينىڭ23-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدىكەن.

  پائالىيەت ھەپتىلىكىدە جەمئىي 11 قوشۇمچە تۈر بار بۇلۇپ، بەش كۈن ئىچىدە، « ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىش»، «بىر بەلباغ، بىر يول دۆلەت سىتىراتىگىيەسى»، «ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن ئالاقە تورىنى بىرلەشتۈرۈش» قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش تېما مۇنبىرى، شىنجاڭ ياشلار ئىگىلىك تىكلەش ئىتتىپاقى سوغۇق يىمەكلىكلەر يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقا ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، ھەمدە داڭلىق كارخانىچىلار، ئىگىلىك يارىتىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار نى تەكلىپ قىلىپ، ياشلار بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتنى ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان، شىنجاڭ ياش كارخانىچىلار جەمئىيىتى، شىنجاڭ شاڭخەي پەن - تېخنىكا ھەمكارلىق بازىسى قاتارلىق 14 ئورۇن بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدۇ.تىزىملىتىش قىزىق لىنىيىلىك تېلىفۇن نومۇرى : ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى شەھەر ياشلىرىنىڭ خىزمىتى بۆلۈمى: 0991-2836571 ؛ شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر تەرەققىيات مەركىزى: 0991-2818222 (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر