باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى بۇ يىل1445 نەپەر قائىدىگە خىلاپ تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى

2015.11.13 14:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 1445نەپەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈپ چىققان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى«ئادەمگەرچىلىك تۆۋەن كاپالىتى»، «مۇناسىۋەت تۆۋەن كاپالىتى»، «ساختىلىق قىلىپ تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىش» قاتارلىق ئەھۋاللار بار بۇلۇپ، ھازىردىن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى توختىتىلدى.

  ئىستاتىستېكا قىلىنىشىچە، 2015-يىلى 6-ئايغىچە، پۈتۈن شەھەر - يېزىلاردىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى 18562 ئائىلە،26838 ئادەم بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر نوپۇسىدىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتى 13138 ئائىلە،19592 ئادەم، يېزىلارنوپۇسىدىكى تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكت 5424 ئائىلە، 7246 ئادەم. شەھەر نوپۇسىدىكىلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 380 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ياردەم پۇلى 405 يۈەن؛ يېزا نوپۇسىدىكىلەرنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 195 يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ياردەم پۇلى 202 يۈەن بولغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر