باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

«يىپەك يولى رىۋايىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.11.13 14:54   مەنبە: خەلق تورى

«يىپەك يولى رىۋايىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : شىنجاڭ تېمىسىدىكى كىنو - تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، كىنو - تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىش، زامانىۋى مەدەنىيەت تارقىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان كىنو - تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتى توغرىسىدا ئۈنۈملۈك يول تېپىش ئۈچۈن، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى 11 - نويابىر بېيجىڭدا «يىپەك يولى رىۋايىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىنغا قاتناشقان داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەنگەنلىكىنىڭ ھازىرقى كىنو - تېلېۋىزىيە ئىجادىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دەنجۇ ئاڭبېن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  مۇتەخەسسىسلەر بىردەك مۇنداق دېدى: «يىپەك يولى رىۋايىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى شىنجاڭ تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم بۆسۈش بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمىتى يىغىنىدىكى مۇھىم سۆزى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەش پەيتىدە مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1 - قانىلىدا تۇنجى قېتىم كۆرسىتىلگەن، مەملىكەت بويىچە ئاز سانلىق مىللەت سانائىتى تېمىسىدا تۇنجى قېتىم ئىشلەنگەن، دۆلەتنىڭ «يىپەك يولى كىنو - تېلېۋىزىيە كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشى»دا تۇنجى تۈركۈمدە ئىشلىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن تۇنجى قېتىم يۈز كۆرۈشكەن، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش تارىخىي مۇساپىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تارقىتىدىغان، دەۋر تۈسى قويۇق، پېرسوناژلىرى كۆپ، بەدىئىيلىكى كۈچلۈك، شىنجاڭنىڭ رايون ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە مۇنەۋۋەر كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھېسابلىنىدۇ.

  «يىپەك يولى رىۋايىتى» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو مىللەتلەر ئۈن - سىن نەشرىياتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن بولۇپ، 14 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1 - قانىلىدا كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، كۆرۈلۈش نىسبىتى تېز ئېشىپ، ئېلىمىزدىكى مىليونلىغان تېلېۋىزىيە كۆرۈرمەنلىرى ۋە تور ئەھلى ئارىسىدا شىنجاڭ مەدەنىيىتى قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. شىنجاڭدا يۈزبەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ، شىنجاڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ، شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش بارلىق كۆرۈرمەننى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەر ھەم شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھازىرقى رېئال تۇرمۇشىغا نىسبەتەن چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلغان بولۇپ، شىنجاڭ مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ چەتئەل تىلى ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈزدىن ئارتۇق چەتئەل تىلى دەرسى تەسىس قىلىنىدۇ
      ·كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەنتەربىيە كەسپىدىن ئېلىنىدىغان سىناق…
      ·سايلام غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئەردوئان نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ؟
      ·شىنجاڭدىكى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ گۈزەل سەنئەت، مۇزىكا تۈرىدىكى كەسىپلەر…
      ·تۈركىيە ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى پارلامېنت سايلىمىدا غەلبە قىلدى
      ·قوش تىل مائارىپى ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە نەپ يەتكۈزدى
      ·مەكتەپنىڭ جەلب قىلىش كۈچى نەدە؟
      ·ئالاھىدە تىرانسفورموتور گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى قۇرۇشنى ھۆددىگە ئالغان تاجىكىستان شاخرىنا تىرانسف…
      ·قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى جاكارلىدى
      ·كېيىنكى مەۋسۈمدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ ئورنىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر جازاغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن