باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى مۇھىم ئابىدە

66 يىللىق زامان-ماكان ھالقىغان تارىخىي قول ئېلىشىش

2015.11.09 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇخىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7-نويابىر چۈشتىن كېيىن، سىنگاپوردا تەيۋەن دائىرلىرى رەھبىرى ما يىڭجيۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىگىرى سۈرۈپ تىنچ تەرەققىي قىلىش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. مەركەز تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن تەيۋەن خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ جىجۈن مۇخبىرغا بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى چۈشەندۈردى.

  جاڭ جىجۈن مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكىلەر رەھبەرلىرىنىڭ بۇ 66 يىللىق زادمان-ماكان ھالقىغان تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشىشى، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسۋىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانىدىكى مۇھىم ئابىدە، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە بولۇپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتى تارىخ سەھىپىسىگە يېزىلغۇسى. ئىككى قىرغاقتىكىلەر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك پوزىتسىيەسى بىلەن، تىنچ تەرەققى قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىشىگە كۈچ چىقىرىش ئاسسىي تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئىككى قىرغاقتىكىلەرنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسى ئۈستىدە سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاكتىپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. يىغىندىن كېيىن، ئىككى قىرغاقتىكىلەر رەھبەرلىرى سەمىمىي، كەڭ-كۇشادە كەيپىيات ئىچىدە كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى.

  ئىككى قىرغاقتىكىلەر رەھبەرلىرىنىڭ كۆرۈشىشى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنىشى بىلەن، يەر يېرىلىپ، ئاسمان ئۆرۈلگەندەك، ئىككى قىرغاقتىكىلەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. يېقىندىن بۇيان، ئىككى قىرغاقتىكىلەر ۋە خەلقئارا ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرى بۇ ھەقتە چوڭ خەۋەرلەرنى بېرىپ چوڭقۇر چۈشەندۈردى. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بەس-بەستە بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغانلىقى ۋە ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ئەلنىڭ رايى، دەپ قارىدى. تەيۋەندىكى ھەرقايسى ساھەلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بۇنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ۋە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، جامائەت پىكرى ئومۇميۈزلۈك بۇنىڭ ئىككى قىرغاقتىكىلەر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر، دەپ قارىدى. ئامېرىكا-ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن دۆلەتلەرمۇ بىرىنچى ۋاقىتتا بەس-بەستە بۇنى ئالقىشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كۆرۈشۈش مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئاكتىپ باھا بەردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر