باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەش سۇپىسى ئاي ئاخىرىدا قوزغىتىلىدۇ

38 تارماق سەمىمىيەتسىز كارخانىلارنى بىرلىكتە جازالايدۇ

2015.11.12 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 10-نويابىر، دۆلەت سودا-سانائەت باش ئىدارىسى دۆلەت تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن بىرلىشىپ ئاچقان تاراتقۇلارنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، «سەمىمىيەتسىز كارخانىلارنى ماسلىشىپ نازارەت قىلىش ۋە بىرلىشىپ جازالاش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»گە قارىتا يېشىپ چۈشەندۈردى. مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغا قەدەر، ئۈچ مىليون 170 مىڭ ئادەم قېتىم ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش چەكلەندى. بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىناۋەت ئۇچۇرلىرىنى ھەمبەھىرلەش-ئالماشتۇرۇش سۇپىسى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  ئەسلەتمىنى سودا-سانائەت باش ئىدارىسى، تەرەققىيات-ئسلاھات كومىتېتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، سانائەت-ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق 38 تارماق بىرلىكتە ئىمزالىغان بولۇپ، ئۈچ چوڭ تۈردىكى 90 تۈرلۈك كونكېرت چارە شەكىللەندۈرۈلدى، جازا دائىرىسى، ئوبيېكتى، جازا چارىسى، مەسئۇل تارماق قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە يولغا قويۇشقا بېسىپ تارقىتىلدى.

  ئەسلەتمىگە ئاساسلانغاندا، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۈز قىلىش، ساختا مەھسۇلات ياساش-سېتىش، ئۇچۇر ئاشكارىلاش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلغانلار جازالاشنىڭ ئوبيېكتى ئىكەن، بۇلار كارخانا ۋە مۇناسىۋەتلىك خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. جازالاش چارىلىرى ئايروپىلان بېلىتى، تېز پويىز بېلىتى سېتىۋېلىش قاتارلىق قىسمەن ئالىي ئىستېمالنى چەكلەش، خېرىدار چاقىرىشقا قاتنىشىشنى چەكلەش، مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر