باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«قوش 11»دە ئالىپايدىكى سېكۇنتلۇق سودا سوممىسى يۇقىرى بولغاندا 85 مىڭ 900 يۈەنگە يەتتى

2015.11.12 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 11 -نويابىر، چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېڭىلا باشلانغان «قوش 11» پائالىيىتىدە ئالىپاي ھەر سىكونتىغا 85 مىڭ 900 يۈەنلىك سودا يۇقىرى پەللىسىدىمۇ مۇقىم ئىشلىدى، بۇ ئۆتكەن يىلقى «قوش 11» يۇقىرى پەللىسىنىڭ 2.23 ھەسسىسىگە تەڭ بولدى.

  چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسىنىڭ باش تېخنىكا ئەمەلدارىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل «قوش 11»دا ئالىپاي ئۆتكەن يىلقى 38 مىڭ 500 يۈەنلىك يۇقىرى پەللە قىممىتىدىكى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن كۆپ ياخشىلانغان بولۇپ، بۇ جۇڭگو پۇل تۆلەش سىستېمىسىنىڭ تېخنىكا جەھەتتە پۈتۈن دۇنيادا خېلىلا ئالدىنقى قاتاردا تۇرغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئالىپايدىكى بۇ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغان مەخپىي قورال دەل ئەلىبابا بىلەن چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلىسى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان چۈمۈلە پۇل-مۇئامىلە بۇلۇتى ئىكەن. (ئالىم راخمان تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر