باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ يېڭى نۇسخىسى 12-نويابىردىن باشلاپ تارقىتىلىدۇ

2015.11.11 15:47         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، 2015 - يىلى يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ 5 - يۈرۈش يېڭى نۇسخىسى 12 - نويابىر رەسمىي تارقىتىلىدۇ، يېڭى نۇسخىدىكى يۈەنلىك خەلق پۇلىنىڭ ئاساسىي رەڭگى، نەقىشلىرى، چوڭ - كىچىكلىكى ئىلگىرىكى يۈەنلىك خەلق پۇلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، پۇلنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلدى.

  ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان يۈەنلىك خەلق پۇلى ئىلگىرى تۆت نۇسخا تارقىتىلغان بولۇپ، ھازىر ئوبوروت قىلىنىۋاتقىنى ئاساسلىقى 2015 - يىلىدىكى نۇسخىدىن ئىبارەت. جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل، ئالتۇن - كۆمۈش ئىدارىسى پىلان - تەقسىملەش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى شاڭ جىيۈ مۇنداق دېدى: 10 يىلدا نەق پۇل ئوبوروتى ۋە نەق پۇلنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. مۇلازىمەتسىز ئۈسكىنىلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈسكىنىلەرنىڭ نەق پۇلنى تونۇشىغا قويۇلىدىغان تەلەپ كۈچەيدى. بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار يېڭى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ ساختا پۇل ياساپ، پۇقرالارغا زور زىيان سېلىۋاتىدۇ. شۇڭا پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ساختا پۇلدىن ساقلىنىش تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، ھازىرقى نەق پۇلنى بىر تەرەپ قىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش كېرەك.

  جۇڭگو پۇل بېسىش باش شىركىتىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى شاۋ گوۋېينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئەڭ مۇھىمى، يېڭى يۈەنلىك پۇلنىڭ ساختىلىقتىن ساقلىنىش تېخنىكىسى ئۆستۈرۈلگەن. بۇ پۇلدىكى «100» دېگەن سان ۋە بىخەتەرلىك سىزىقىغا خەلقئارادىكى ئىلغار ئۆزگىرىشچان رەڭ ۋە نۇر تېخنىكسى ئىشلىتىلگەن. ئۇنىڭغا تىك قارىسا سېرىق ۋە ئاچ قىزىل رەڭگە، ئايلاندۇرۇپ قارىسا يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدىغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنىڭ راست - يالغانلىقىنى بەش سېكونتتىلا پەرقلەندۈرەلەيدىكەن. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر