باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان خەلق پۇلىنىڭ SDRغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى

2015.11.11 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» 3-نويابىر كەچ ئېلان قىلىندى. «تەكلىپ»تە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ قوش يۆنىلىشتە ئېچىۋېتىش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك. خەلق پۇلى كاپىتال تۈرىنى ئالماشتۇرۇشنى تەرتىپلىك ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلق پۇلىنى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇق دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان، ئەركىن ئىشلەتكىلى بولىدىغان پۇلغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. «خۇاشا» بانكىسى تەرەققىيات-تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ياڭ چى مۇنداق دېدى: خەلق پۇلى خەلقئارالىشىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، كاپىتال تۈرىنى ئەركىن ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇق دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش خەلق پۇلىنىڭ سودىلىشىش پۇلى، مەبلەغ سېلىش پۇلىدىن زاپاس پۇلغا قاراپ چوڭقۇرلىشىشىنى تېزلىتىپ، دوللارغا ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىۋېلىشتىن قۇتۇلۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرىدۇ.

  SDR (ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى) دېگىنىمىز IMF چىقارغان بىر خىل غەيرىي رەسمىي پۇل بولۇپ، خەلقئارا مىقياسىدا ھازىر تۆت ئاساسلىق زاپاس پۇل بار، ئۇلار دوللار، ياۋرو، فوندستېرلىڭ ۋە يېن. IMF خەلق پۇلىنى SDRغا كىرگۈزسە، IMFنىڭ تۇنجى قېتىم يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدە پۇلىنى زاپاس پۇل قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكىدىن دېرەك بېرىپ، خەلق پۇلىنىڭ خەلقئارا پۇل سەھنىسىدىكى ئورنى زور دەرىجىدە ئۆسىدۇ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازاردا تېخىمۇ چوڭ گەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، بۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر