باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى :

ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2015.11.11 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى شى جىنپىڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان 10-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان مەركەز مالىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتى ۋە شەھەر خىزمىتى تەتقىق قىلىندى. يىغىندا شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى ھەم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى مۇھىم بىر تەدبىر. يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھىرلىنىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىگە ماسلىشىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت مۇقىم، كەسىپ سىياسىتى توغرا، مىكرولۇق سىياسەت جانلىق، ئىسلاھات سىياسىتى ئەمەلىي ۋە ئىجتىمائىي سىياسەت ئاساسى پۇختا سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئۇزاققا سوزۇلغان ئۇرۇشنى قوللاپ، ئۇرۇش تاكتىكىسى جەھەتتە يوقىتىش ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىپ، ئومۇمىي ئېھتىياجنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەمىنلەش سىستېمىسى سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادنى سىجىل ئاشۇرۇشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى مۇستەھكەملەپ، ئېلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماكرولۇق سىياسەتنىڭ مۇقىم بولۇشىدا، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتى ئۈچۈن مۇقىم ماكرولۇق ئىقتىسادىي مۇھىت يارىتىش كېرەك. كەسىپ سىياسىتىنىڭ توغرا بولۇشىدا، ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشىنى توغرا بەلگىلەپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەلەندۈرگۈچ كۈچىدە يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، زاپاس كۈچنى ئاكتىپلاشتۇرۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى ئاشۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەپ تولۇقلاپ، يېشىل تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، تاشقى مەبلەغدىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، چەتئەلگە مەبلەغ سېلىشنى ئاكتىپ ۋە مۇۋاپىق كېڭەيتىش كېرەك. مىكرولۇق سىياسەتنىڭ جانلىق بولۇشىدا، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار مۇھىتىنى ياخشىلاپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تۈزۈم ۋە سىياسەت جەھەتتە ئازادە بازار تىجارىتى مۇھىتى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى، تاۋارلارنى ئەركىن ۋە باراۋەر ئالماشتۇرۇش بازار مۇھىتى يارىتىش كېرەك. ئىسلاھات سىياسىتىنىڭ ئەمەلىي بولۇشىدا، نۇقتىلىق ساھەلەر ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمقىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم باشلامچىلىق رولىغا ئىگە دۆلەت كارخانىلىرى، مالىيە باج تۈزۈلمىسى، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى قاتارلىق ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش كېرەك. ئىجتىمائىي سىياسەت ئاساسىنىڭ پۇختا بولۇشىدا، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر