باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

كەلگۈسى بەش يىلدا قىلىدىغان 50 چوڭ ئىش

2015.11.10 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەزنىڭ مالىيە-ئىقتىساد ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ياڭ ۋېيمىن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن خەۋەرلەندۈرۈپ قويۇش يىغىنىدا «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى، بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن يېڭى ئاتالغۇلار كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈردى.

  ياڭ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، «13-بەش يىللىق» يىرىك پىلان توغرىسىدىكى پىكىرلەر ئىچىدە مەسىلە يېتەكچىلىكى، توغرا تەدبىر قوللىنىش ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىككە ئىگە. پۈتۈن تېكىستتە 300 نەچچە مۇھىم تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 50ى ئىستراتېگىيە، قۇرۇلۇش، پىلان، تۈزۈم ۋە ھەرىكەتلەرگە چېتىلىپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە ماسلىشىش ۋە ئۇنى يېتەكچى قىلىش، بەش چوڭ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنىڭ كونكرېت تەدبىرىگە ئايلاندى.ئىستراتېگىيە جەھەتتە ئاساسلىقى ئەلالىرىنى ئىمپورت-ئېكسپورت قىلىش ئىستراتېگىيەسى؛ توردىكى قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئىستراتېگىيەسى؛ دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات ئىستراتېگىيەسى؛ ئاشلىقنى يەردە ساقلاش، ئاشلىقنى تېخنىكىلىق ساقلاش ئىستراتېگىيەسى؛ ئارمىيە خەلقنى بىرگە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى؛ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسى؛ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  قۇرۇلۇش جەھەتتە ئاساسلىقى شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى تۇرۇبا تورىنى ياخشىلاش قۇرۇلۇشى؛ سانائەت ئاساسىنى پۇختىلاش قۇرۇلۇشى؛ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قۇرۇلۇشى؛ جۇڭخۇا قەدىمىي كىتابلىرىنى رەتلەش قۇرۇلۇشى؛ تور مەزمۇنى قۇرۇش قۇرۇلۇشى؛ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنى قۇتۇلدۇرۇش خاراكتېرلىك قوغداش قۇرۇلۇشى؛ نۆل كاربون قويۇۋېتىش رايونى ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشى؛ يامغۇر، كەلكۈن بايلىقىدىن پايدىلىنىش، ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى؛ تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشى؛ مۇھىم ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى؛ خەتەرلىك خىمىيەلىك بويۇملار ۋە خىمىيە-سانائەت كارخانىلىرى ئىشلەپچىقارغان، ئامباردا ساقلىغان بويۇملارنى بىخەتەر، مۇھىت ئاسراپ يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پىلان جەھەتتە ئاساسلىقى «ئالاقە تورى +» ھەرىكەت پىلانى؛ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى؛ ئايلانما تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىش پىلانى؛ سانائەت بۇلغىما مەنبەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇۋېتىش پىلانى؛ يېڭى دەۋردىكى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ كەسپىي ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش پىلانى؛ ئومۇمىي خەلق سۇغۇرتىغا قاتنىشىش پىلانىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  تۈزۈم جەھەتتە ئاساسلىقى خىزمەت ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىگە مۇناسىپ تۈزۈم ئورنىتىش؛ زور ئاپەت سۇغۇرتا تۈزۈمى ئورنىتىش؛ پۇل مۇئامىلىنى ماكرو، ئېھتىيات بىلەن باشقۇرۇش تۈزۈمى ئورنىتىش؛ ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ تېرىلغۇ يەرنى نۆۋەتلىشىپ تېرىش، شۈدىگەر قىلىش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ ئېنېرگىيە ئىشلىتىش ھوقۇقى، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، بۇلغىما قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقىنىڭ دەسلەپكى تەقسىمات تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ئۆلكە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن مۇھىت ئاسراش ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈپ مەمۇرىي تەپتىش قىلىشنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلىگە ناچار تەسىر تىزىملىكىنى قوشۇپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش؛ نامراتلارغا قارىتا مۈلۈك پايدىسى بويىچە يۆلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ ئۆمۈرلۈك كەسپىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش؛ دۆلەت نوپۇسى ئاساسىي ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇش، بىر تۇتاش ئىجتىمائىي ئىناۋەت كود تۈزۈمى ۋە ئالاقىدار ھەقىقىي ئىسىم بويىچە تىزىملاش تۈزۈمى ئورنىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ھەرىكەت جەھەتتە ئاساسلىقى مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتى؛ ھازىرقى زامان مۇلازىمەت كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتى؛ ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ھەرىكىتى؛ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتى؛ ئېنېرگىيە ۋە سۇ بايلىقى سەرپىياتى، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنىڭ باشلامچىسى بولۇشقا يېتەكلەش ھەرىكىتى؛ دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەملىك يېشىللاشتۇرۇش ھەرىكىتى؛ كۆك دېڭىز قولتۇقىنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتى؛ نامرات ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆرلەپ ئوقۇمىغانلار، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئىشتىن قالغانلار ۋە خىزمەت ئالماشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى كەسپىي جەھەتتىن ھەقسىز تەربىيەلەش ھەرىكىتى؛ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر