باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سومالىغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنى تەسىس قىلىشنى قارار قىلدى

2015.11.10 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 9- نويابىر قارار ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سومالىغا ياردەم بېرىش ئىشخانىسىنى تەسىس قىلىپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىقنى قوغداش قىسمى ۋە سومالى خەلق ئارمىيەسىگە ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى.

  قارارغا ئاساسەن، بۇ ئىشخانا ئاساسلىقى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىغا ئالاھىدە ئەۋەتىلگەن ئۆمىكى ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سومالىغا ياردەم بېرىش ئۆمىكى ۋە سومالى خەلق ئارمىيەسىگە ئاشلىق، تۇرالغۇ ئوي، داۋالاش ۋە خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئارقا سەپ تەمىناتى جەھەتتىن ياردەم بېرىدۇ.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى باش كاتىپقا ۋاكالىتەن يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە سومالىدا 3 مىليون 200 مىڭ كىشى ياردەمگە موھتاج بولماقتا، تېخىمۇ كۆپ كىشى ئائىلىسىدىكىلەرنى بېقىشقا ئامالسىز قالماقتا، كۆپلىگەن ئۆسمۈرلەرگە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مەسىلىسى كۆرۈلمەكتە. ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پائال ياردەم بېرىشىنى ھەمدە سومالىنىڭ سىياسىي ئۆتكۈنچى مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر