- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى: كېلەر يىلىدىن باشلاپ تور مۇزىكىلىرى تەستىقلانغاندىن كېيىن ئاندىن ئاڭلىتىلىدۇ
2015.11.10 16:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن «تور مۇزىكىسى مەزمۇنىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، تور مۇزىكىسى مەزمۇنىغا قارىتا كارخانىلار ئۆزى تەستىقلاش، سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى يولغا قويدى، مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى ئىشنىڭ ئوتتۇرىسى، ئاخىرىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدۇ. تور مۇزىكىسىنى ئۆزى تەستىقلاش خىزمەت تەرتىپى ۋە مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىش شۇنداقلا مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرى بىر تۇتاش بېكىتكەن مەزمۇننى تەستىقلاش ئۆلچىمى ۋە قائىدىسى بويىچە، تەمىنلىگەن تور مۇزىكا مەھسۇلاتىنىڭ مەزمۇنىنى تەستىقلاپ، تەستىقتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاڭلىتىپ تىجارەت قىلىش كېرەك. ئۆزى تەستىقلاش تۈزۈمى ۋە مەھسۇلاتنى ئۆزى تەستىقلاش ئۇچۇرىنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەدەنىيەت مەمۇرىي تارماقلىرىغا ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر