باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.11.05 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5 - نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4- نويابىر گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى ئېچىلىپ، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى ئىدىيە بىلەن «13- بەش يىللىق»يىرىك پىلاننى تۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش؛ سانائەتنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، كارخانىلارنىڭ بازار كېڭەيتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ پايدا نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پايدا نىسبىتىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەڭشەش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ كارخانىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاشنى ئىخچاملاپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «13- بەش يىللىق»يىرىك پىلاننى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىساد ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ، كەسپلەرنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىجتمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەممىدىن مۇھىم. يىغىندا مۇنداق قارار قىلىندى: گوۋۇيۈەن يىرىك پىلان تىزىسىنى تۈزۈش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىر تۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار تارماقلار پىكىر تەلەپلەرگە ئومۇميۈزلۈك قۇلاق سېلىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل تەرەققىيات، ئېچىۋىتىش، ئورتاق بەھرلىنىشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسىگە ئاساسەن، چىداشلىق بېرىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، يېتەرسىزلىكنى تولۇقلاش، تەڭپۇڭلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش، سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان، گەۋدىلىك زىددىيەتنى ھەل قىلىدىغان قاراتمىلىققا ئىگە زور سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۆزگەرتىش ئۇسۇلى، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق زور قۇرۇلۇشلارغا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىكولوگىيەنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي ئادىللىق رولى كۆرۈنەرلىك بولغان زور تۈرلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىدىغان، ئىسلاھات- تەرەققىيات تەلىپىنى ئىپادىلەنگەن. ئامما ئارزۇ قىلىۋاتقان يىرىك پىلان تىزىسى ۋە يۈرۈشلەشكەن مەخسۇس تۈر پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،ئوتتۇرا، يۇقىرى سەۋىيەگە قەدەم قويۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش نىشانىغا ۋاقتىدا يىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر