باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز تەشۋىقات ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى، ليۇۋ يۈنشەن يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2015.11.05 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز تەشۋىقات ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 4- نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەركەز تەشۋىقات ئۆمىكىنى مەركەزلىك تەشۋىق ۋە چۈشەندۈرۈشكە تەشكىللەش پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشتىكى مۇھىم تەدبىر، ۋەزىپە ئېغىر، ئەھمىيىتى زور. تەشۋىقات ئۆمىكىدىكى يولداشلار بۇرچ ئېڭى ۋە مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى چوڭقۇر، پىششىق ئۆگىنىپ، «13- بەش يىل»دىكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات يېتەكچى ئىدىيەسى، ئومۇمىي تەپەككۈرى، نىشان، ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەشتىكى زور تەدبىر. تەشۋىق چۈشەندۈرۈش جەريانىدا، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ،قىززىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئىشلارغا جاۋاب بېرىش، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تولۇق، توغرا، ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈش، تەشۋىق ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ قاراتمىلىقى، جانلىقلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جايلار ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن نىشانلىق، ئاممىۋىلىق، ئۆزئارا تەسىرچانلىققا ئىگە تەشۋىقات پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تەشكىللەپ، كۆپ قاتلاملىق، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان تەشۋىق ۋە چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئامما ئارىسىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش، قەلبلەرگە سىڭدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئومۇمىي يىغىن ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشكە يېتەكلەپ، جان دىل بىلەن «13- بەش يىل»دىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇۋ يۈنشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىن تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشۋىق ۋە چۈشەندۈرۈش پائالىيتىنى ئىنچىكە تەشكىللەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىىتىنى پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر