باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىدا سۇرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرگە زەربە بەردى دەپ ئەيىبلىدى

2015.11.05 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ يېقىن شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پاتتېرسون 4-نويابىر پارلامېنتىنىڭ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە سۇرىيەدىكى ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ 85 پىرسەنتتىن 90 پىرسەنتكىچە سۇرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچىلەرگە زەربە بەردى. ئۇ رۇسىيەنىڭ سۇرىيەدىكى مۆتىدىل ئۆكتىچى گۇرۇھلارغا زەربە بېرىشنى توختىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رۇسىيە قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىغا قاتناشقانلاردىن يەنە ياۋروپا ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋىكتورىيە نېۋلاندمۇ بار، پاتتېرسون بىلەن نېۋلاند مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە يېقىندا سۇرىيە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ھەربىي جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتتى، رۇسىيەنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشى سۇرىيە ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ داۋالغۇتۇۋەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر