باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى نگۇيەن پۇ تروڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2015.11.06 14:23         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5-نويابىر خانويدا ۋىيېتنام كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى نگۇيەن پۇ تروڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم تۇرۇش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، ئىناق، دوستانە ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش فاڭجېنى ۋە ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى يولداش، ياخشى ھەمراھلىق روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنامنىڭ تاغ-دەريالىرى تۇتاش، چىش بىلەن كالپۇكتىك يېقىن، جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ئىككى دۆلەت دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە مىللىي ئازادلىق كۈرىشىدە مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، رەئىس ماۋزېدۇڭ، رەئىس خۇ جىمىن قاتارلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئالدىنقى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان <<يولداشلاردىن قېرىنداشلارغىچە>> بولۇشتەك ئەنئەنىۋى دوستلۇق تارىختىن بۇيان مۇستەھكەملىنىپ كەلدى، بۇ جۇڭگو-ۋىيېتنام ئىككى تەرەپنىڭ چوقۇم قوغداشقا، ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك ئورتاق بايلىقى.

  شى جىنپىڭ ۋىيېتنام كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 85 يىللىقىنى، ۋىيېتنام قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى سەمىمىي تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ۋىيېتنامنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى، سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى، ۋىيېتنامنىڭ داۋاملىق ئىسلاھات ئىشلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ. مەن يولداش نگۇيەن پۇ تروڭ باش شۇجىلىقىدىكى ۋىيېتېنام كومپارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ۋىيېتنام پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، تۈرلۈك نىشان ۋە ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايدىغانلىقىغا، ۋىيېتنام خەلقىنىڭ ئىسلاھات ئىشلىرىنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر