باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پۇتىن رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىدىكى ئەينەن ئەھۋالنى ئوبيكتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى

2015.11.04 14:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 2- نويابىر مۇنداق دېدى، رۇسىيەنىڭ ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى ھەققىدە مۇناسىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى ئۈچۈن، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىدا روسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراشتىكى ئەينەن ئەھۋالنى ئوبيكتىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. رۇسىيەدىكى ئالاقىدار تەرەپلەر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش سەۋەبىنى چۆرىدىگەن ھەر خىل قاراشلار توغرىسىدا ئايروپىلاننىڭ ھادىسىگە ئۇچرىشىدىكى ھەر قانداق مۇمكىنچىلىكنى يوققا چىقارمايمىز دېدى.

  پۇتىن شۇ كۈنى، يولۇچىلار ئايروپىلانى ھادىسىگە ئۇچرىغان نەق مەيداندىن موسكۋاغا قايتىپ كەلگەن رۇسىيەنىڭ قاتناش مىنىستىرى سوكولوۋنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. پۇتىن ئارقىدىن بۇ قېتىمقى رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى « ئىنتايىن زور تېرادىگىيە» دېدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى،ئىزدەش خىزمىتى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىلىشى، مۇددەتتىن بۇرۇن توختىتىپ قويۇلماسلىقى كېرەك، ئۇ يەنە ئايروپىلان چۈشۈپ كەتكەن نەق مەيداندا ئىزدەش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان خادىملاردىن مەزكۇر رايوندىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدىن ئېھتىيات قىلىشنى تەلەپ قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر