باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەنلەر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئومۇمىي لايىھەسى»نى ئېلان قىلدى

2015.11.05 16:35         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش ئالغا سىلجىتىش ئومۇمىي لايىھەسى»نى تارقىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا ئاساسەن، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشنى يادرو، ئەخلاقتا ئۈلگە بولۇشنى ئاساس، تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ستراتېگىيەسىنى قوللاش، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنى يۆنىلىش قىلىشتا، «ئالدىنقى قاتارنى نىشان، پەنلەرنى ئاساس، نەتىجىنى پىشاڭ، ئىسلاھاتنى تۈرتكە قىلىش» ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى بىر تۈركۈم ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەنلەرنى تېزدىن بەرپا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  بۇ «ئومۇمىي لايىھە»گە ئاساسەن، 2020-يىلىغىچە، ئېلىمىزدىكى بىرقانچە ئالىي مەكتەپ ۋە بىر تۈركۈم پەنلەر دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا كىرىدۇ، بىرقانچە پەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدۇ؛ 2030-يىلىغىچە، تېخىمۇ كۆپ ئالىي مەكتەپ ۋە پەن دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارغا كىرىدۇ، بىرقانچە ئالىي مەكتەپ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدۇ، بىر تۈركۈم پەنلەر دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتىدۇ، ئالىي مائارىپنىڭ ئومۇمىي ئەمەلىي كۈچى كۆرۈنەرلىك ئۆسىدۇ؛ مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەنلەر سانى ۋە ئەمەلىي كۈچى ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، ئالىي مائارىپتىكى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئاساسەن ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.

  بۇ «ئومۇمىي لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەت ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەنلەرنى پەرقلەندۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاپ، دەرىجىگە ئايرىپ مەدەت بېرىدۇ، ھەر بەش يىل بىر دەۋرلىنىدۇ، 2016-يىلى بىر نۆۋەتلىك قۇرۇلۇش باشلىنىدۇ. قۇرۇلۇشتا ئۈنۈم يۆنىلىشى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، ئۈنۈم باھالاش مىخانىزمى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، قوللاش سالمىقى ھەرۋاقىت تەڭشىلىدۇ. ھۆكۈمەت، جەمئىيەت، مەكتەپ بىرلەشتۈرۈلگەن بىرلىكتە قۇرۇش مىخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىش، بىرلىكتە قوللاش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر