خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 5- نويابىر ئۆتكۈزىلىدىغان تۇنجى نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى يەرمەنكىسى قىسقىغىنە ئون سائەتتىن كىيىن باشلىنىدۇ، ھەرقايسى كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر كۆرگەزمىگە تەييارلىق تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى.
خەلق تورى مۇخبىرى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىگە جايلاشقان مەدەنىيەت يەرمەنكىسىنىڭ كۆرگەزمە سارىيىغا كىرىپ، كۆرگەزمە تەييارلىق نەق مەيدانىدىن بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى يەرمەنكىسىنىڭ يارقىن نۇقتىسىنى ئىزدىدى. بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپى يەرمەنكىسىدە « يىپەك يولى مەركىزىدىكى ئىجادچان شىنجاڭ » باش تېما قىلىنغان، يەرمەنكە شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىنىڭ 2 - ۋە 3 - نومۇرلۇق سارىيىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى12230 كۇۋادىرات مىتىر، جەمئىي 590 كۆرگەزمە ئورنى تەسىس قىلىنغان.
ئىگىلىنىشىچە، 30 نەچچە تەيۋەن مەدەنىيەت ئىجادىيەت كارخانىسى ۋە شىنجىن خەلقئارا مەدەنىيەت كەسپى يەرمەنكە چەكلىك شىركىتى بۇ نۆۋەتلىك مەدەنىيەت كەسپى يەرمەنكىدە مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق كۆرگەزمىگە قاتناشتۇرغان. كۆرگەزمىدە، تاماشىبىنلار شېنجېندىن ئېلىپ كېلىنگەن جىندېجىننىڭ مەشھۇر ئۇستىكارلىرىنىڭ داڭلىق ئەسىرى، نەپىس فارفور بۇيۇملار، ئۈنچە - مەرۋايىت زىننەت بۇيۇملىرى، ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى تاماشا قىلىشتىن باشقا يەنە، دۆلەت گۆھىرى دەرىجىلىك خالتىلىق قورچاق تىياتىرى ئۇستىسى لى تىيەنلۇنىڭ تەيبېي ياغاچ قورچاق تىياتىر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭدىكى تۇنجى مەيدان ئويۇنىنى كۆرەلەيدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى