باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى قايتا قاناتلاندى

-«ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» نىڭ بارلىققا كېلىش خاتىرىسى

2015.11.05 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى.

  بۇ، جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەت پروگراممىسى!

  بۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك كەسكىن ئۆزگىرىش!

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنى 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا غەلىبىلىك يېپىلدى. يىغىنغا قاتناشقان مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 13-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» بىردەك ماقۇللاندى.

  ھەيۋەتلىك ئىنېرناتسىئونال شېئىرى ئالقىش سادالىرى ئىچىدە ئۇزاققىچە ياڭراپ، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  بۇ، ئالغا ئىلگىرىلەش سىگنالى، شۇنداقلا دەۋرنىڭ چاقىرىقى-2020-يىلىغا بارغاندا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش پارتىيەمىزنىڭ خەلق ۋە تارىخ ئالدىدا بەرگەن قەتئىي ۋەدىسى، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنىڭ بىرىنچى 100 يىللىق نىشانى.

  ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان «تەكلىپ» تىن ئىبارەت پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن بۇ ئۇلۇغۋار پىلان، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پاراخوتىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدۇ!

  ئۇلۇغ بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئاقلايلى

  «تەكلىپ» ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقشنىڭ يېڭىش-يېڭىلىش بەلگىلىنىدىغان باسقۇچتىكى ئاتاكا سىگنالىنى ياڭرىتىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرىقىنى بەردى.

  ھاللىق جەمئىيەت-جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ 1000 يىللاپ تەلپۈنگەن ئارزۇسى بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە، نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقنىڭ كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى.

  ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ ھاللىق جەمئىيەتكە ئاساسەن يېتىشكىچە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقىچە، جۇڭگو كەينى-كەينىدىن تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، دەرىجىمۇ-دەرىجە تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  بەش يىللىق پىلان جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى ئۆلچەيدىغان زامان-ماكان ئۆلچىمى.

  «12-بەش يىل» مەزگىلىدە، بولۇپمۇ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركزىي كومىتېتى مۇرەككەپ خەلقئارالىق مۇھىت ۋە مۈشكۈل دۆلەت ئىچى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئېلىمىزنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. تارىخ سترېلكىسى يەنە بىر بەش يىللىق باشلىنىشنى كۆرسەتكەندە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭىش-يېڭىلىش بەلگىلىنىدىغان ۋەزىپىسى چۈشۈرۈلدى. جۇڭگو قانداق تەرەققىيات مۇھىتىغا دۇچ كېلىپ، تەرەققىياتتىكى قانداق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ؟

  يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇنى ئىلمىي، توغرا تەھلىل قىلىپ، ھۆكۈم قىلدى-

  مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى ھېلىمۇ مەۋجۇت، جۇڭگونىڭ ئىستىقبالى يەنىلا پارلاق، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنىڭ مەزمۇنىدىكى چوڭقۇر ئۆزگۈرۈشنى جەزمەن توغرا ئىگىلەپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم يۈرۈشىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، «ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر قاتارى» غا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالقىش كېرەك.

  ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ يېڭىش-يېڭىلىشى بەلگىلىنىدىغان باسقۇچ، شۇنداقلا ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنىڭ كۆزنەك مەزگىلى بولۇپ، جەزمەن تەرەققىيات يېڭى تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش كېرەك.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئومۇميۈزلۈك بولۇشتا، نامراتلارنى يۆلەش-روناق تاپقۇزۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ئەڭ چوڭ يوچۇقنى تولدۇرۇپ، تەرەققىيات شەكلى ئاددىي، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئاجىز، ئاساسىي جامائەت مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش يېتەرسىز، كىرىم پەرقى چوڭراق بولۇش قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىغا ئورتاق قەدەم تاشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بۈگۈنكى جۇڭگونى دۇنياغا سېلىشتۇرغاندا، ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇشتا، دۆلەت ئىشىكىنى ئېچىۋېتىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېلىمىز تەرەققىياتىنى دۇنيانىڭ چوڭ ئارقا كۆرۈنىشىگە قويۇش ھەم خەلقئارا مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئاكتىپ زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئاقلاش. كەلگۈسى تەرەققىيات لايىھەسىنى ئىلمىي تەسۋىرلەش-جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر