باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ ئايدىن باشلاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدىكى تۆت تۈرلۈك قاتناش قائىدىسىگە خىلاپ قىلمىشلار تەكشۈرۈلىدۇ

2015.11.05 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى بۇ ئايدىن باشلاپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول بويىدا ئاپتوموبىل توختىتىش، ئاپتوموبىللار ئۆچرەتتە تۇرۇپ كەتكەندە جىددىي قۇتقۇزۇش يولىنى ئىگەللىۋېلىش، يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىماسلىق، چوڭ تىپتىكى ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ قائىدە بويىچە يول يۈرمەي ئوڭ تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىدا يول يۈرۈشى قاتارلىق قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئالىي تاشيول تارماق ئەترىتى ئىگىلىشىچە، قاتناش ساقچى تارماقلىرى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپلا قالماي يەنە، پۇقراچە كىيىنگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى ماشىنىغا توسۇپ يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يولۇچىلار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىماسلىق قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر