باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى: «ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش يولغا قويۇلىدۇ

2015.11.05 14:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : جۇڭگو ئاۋازى «كەچلىك خەۋەرلەر»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 29- ئۆكتەبىر پارتىيە 18 –نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى ئومۇمىى ئاخباراتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر جۈپ ئەر – خوتۇن ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى خەۋەر تارقىلىشى بىلەنلا پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە قىزغىن مۇنازىرە قىلىندى.

  دۆلەت سەھىيە- پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاساسىي قاتلامغا يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋېنجۇاڭ مۇنداق دېدى: ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى بىلەن يالغۇز پەرزەنتلەر ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ. يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى جايلارنىڭ نىزامغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ تەشكىللەپ يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىلگەن، جايلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىش ۋاقتى ئوخشىمايدۇ، شۇڭا يولغا قويۇلۇش ۋاقتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»نىڭ 18- ماددىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئارقىلىق، ئىلگىرى دۆلەت تەشەببۇس قىلغان«بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بىرلا پەرزەنتلىك بولۇش» «ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» ئۆزگەرتىلگەن. «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇش ۋاقتى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. جايلار نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمىتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى» بىلەن جىپسىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىسىلا بولىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر