باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2015.11.04 16:25        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 11-ئاينىڭ 3-كۈنى خەلق سارىيىدا 2-نۆۋەتلىك «جۇڭگونى چۈشىنىش» خەلقئارا يىغىنىغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەم جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كەلگۈسى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، ئېلىمىزنىڭ 2016-يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرى يىغىنىنى تەشكىللەش توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، ئەمەلىيەت بىز چىڭ تۇرغان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ توغرىلىقىنى ئسپاتلىدى. دۆلىتىمىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا، تەرەققىياتتا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتەك يېڭىچە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دۇنياسىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئىناق بىللە ياشاشتەك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشقان چەتئەل ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ تۆھپە قوشقانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ سەمىمىي ۋە چوڭقۇر ئالاقىسىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەمنەپەس بولۇشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسەتتى.

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات كەلگۈسى ئۈستىدە توختالغاندا، شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىسلاھات جۇڭگونىڭ ھازىرقى تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچ. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۇقىرى قاتلام لايىھەسى تۈزۈلدى، بۇ قېتىمقى ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئۇنىڭ سالمىقى ۋە دائىرىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن. ھەرقايسى ساھەلەر ئىسلاھاتىنى ئىزچىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشتەك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىگە تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىپ، دۇنيادىن تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئېلىپ، دۆلىتىمىز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىش، ماسلاشتۇرۇش، يېشىل، ئېچىۋېتىش، ئورتاق نەپ ئېلىش تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق تەرەققىيات نىشانى، كاربون چىقىرىشنى ئازايتىش، مۇھىتنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ يېڭى ۋەزىپىلىرى ۋە ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارالىق مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئاكتىپ زىممىسىگە ئېلىشتىكى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇڭگونىڭ «13-بەش يىل» لىق يىرىك پىلاندا بېكىتىلگەن نىشاننى ئىشقا ئاشۇرىشى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، «13-بەش يىل» لىق يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشى دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ. بىز دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرستىدىن ئورتاق بەھىرلىنىپ، گۈزەل كەلگۈسى يارىتىشنى خالايمىز.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر