باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لىبېرىيە زۇڭتۇڭى سىرلېف بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئىككى تەرەپ جۇڭگو-لىبېرىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا قوشۇلدى

2015.11.04 16:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو-لىبېرىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىشىش ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشقا قوشۇلدى

  «خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-نويابىر خەلى سارىيىدا لىبېرىيە زۇڭتۇڭى سىرلېف بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت رەھبىرى ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-لىبېرىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنۇتۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشنى ماقۇللىدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن زۇڭتۇڭ سىرلېف باشچىلىقىدىكى لىبېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئېبولا يۇقۇمىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا تارىخىي خاراكتېرلىك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مۈشكۈل ئەھۋالدا ئورناتقان دوستلۇق ھەقىقىي دوستلۇق. جۇڭگو لىبېرىيە قاتارلىق غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ ئېبولا يۇقۇمى ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە تېگىشلىك تۆھپە قوشتى. بۇنىڭدىن تولىمۇ خۇشالمىز. جۇڭگو ھۆكۈمىتى لىبېرىيە قاتارلىق غەربىي ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتنى داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا مەدەت بېرىپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ جامائەت ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز جۇڭگو-لىبېرىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم لىبېرىيە بىلەن بىرگە ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-لىبېرىيە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىىشىش، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىىتىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلاملىق ئالاقە مۇناسىۋەتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى قاتلام ۋە ساھەلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. دۆلىتىمىز لىبېرىيە بىلەن بىرگە ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، دېڭىز-ئوكيان تىرانسىپورتى، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، لىبېريەنىڭ مول تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇرۇپ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەرەققىياتى نەتىجىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ سىجىل تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ. ئېلىمىز لىبېرىيە بىلەن بىرگە داۋالاش، مائارىپ، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، ئەقىل-پاراسەت خەزىنىسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلىقى ۋە ئىجتىمائىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشنى خالايدۇ. دۆلىتىمىز لىبېرىيەنىڭ جامائەت سەھىيە يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، لىبېرىيە ھۆكۈمىتىگە بولغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى نامزاتىنى كۆپەيتىپ، لىبېرىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا جىددىي ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. يەنە لىبېرىيە بىلەن بىرگە خەۋپسىزلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ب د ت نىڭ لىبېرىيەگە خاس ئۆمەك ئەۋەتىشىگە داۋاملىق قاتنىشىپ، لىبېرىيەنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. بىز لىبېرىيە بىلەن بىرگە 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىلىرى، ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايمىز. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر