باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى بۇ يىل 10 –قېتىم تۆۋەنلىدى

ئۈرۈمچىدە 93 - نومۇرلۇق بېنزېننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.1 يۈەن چۈشتى

2015.11.04 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : بۈگۈن سائەت نۆلدىن دېزىل ۋە بېنزىن مېيى بۇ يىل ئىچىدە 10 - قېتىم تەڭشەلدى. ئۈرۈمچىدە 93 - نومۇرلۇق بېنزېننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.1 يۈەن تۆۋەنلەپ، ھەر لېتىرىنىڭ پارچە سېتىش باھاسى 5.56 يۈەن بولدى.

  تۆنۈگۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قارار قىلىش ئارقىلىق، بۈگۈن سائەت نۆلدىن باشلاپ بېنزىن ۋە دېزىلنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسىنى 125 يۈەن تۆۋەنلەتتى، سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندا، 90 - نومۇرلۇق بېنزېننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.09 يۈەن تۆۋەنلىدى، 0 - نومۇرلۇق دېزىلنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.11 يۈەن تۆۋەنلىدى.

  ھېسابلىغاندا، 93-نومۇرلۇق بېنزىندىن ماي باكىغا 50 لىتىر ماي قاچىلىغاندا، شەخسىي ماشىنا ئىگىسى باھا تەڭشەلگەندىن بۇرۇنقىدىن 5 يۈەن تېجەپ قالالايدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر