باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.11.05 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ 2-ئومۇمىي يىغىنى 5-نويابىر بېيجىڭدا ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن شېن يۆيۆ، شياڭبا پىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى يىغىنغا قاتناشتى.

  قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ يىل 6-ئايدىن 10-ئايغىچە، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، گۇاڭشى، گەنسۇ، شىزاڭ، گۈيجۇ، نىڭشيا، يۈننەن، شىنجاڭ، چىڭخەي قاتارلىق ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا ئايرىم-ئايرىم بېرىپ تەكشۈردى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە ھەر قايسى تارماقلار زىچ ماسلىشىپ، ئەمەلىي، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈردى. تەكشۈرۈش ئەھۋالىدىن قارىغاندا، مىللىي ئاپتونوم جايلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى پارتىيەنىڭ مىللىي سىياسىتى ۋە مىللىي قانۇن، بەلگىلىمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات، ئىلمىي تەرەققىياتنى ئۆزلۈكسىز تېزلىتىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئۆزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. لېكىن باشقا جايلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، مىللىي رايونلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن كەينىدە قېلىش ئەھۋالىدا يەنىلا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولمىغان، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىنى ئەستايىدىل، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە شۇنداقلا نۇرغۇن جاپالىق، ئىنچىكە خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدىكەن.

  يىغىندا، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەزالىرىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى 12-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-سانلىق يىغىنىدا دوكلات بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر