باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىلەن مېركېل جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا قاتناشتى

2015.11.02 08:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تۈنۈگۈن جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن خېفېيدا جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ئىككى دۆلەت كارخانىچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆزلەشتى. جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئىككى تەرەپ رەئىسلىرى ئالدى بىلەن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نەتىجىسىنى دوكلات قىلدى. بەش خىل مېتال گۇرۇھى، شۈجۇ قۇرۇلۇش گۇرۇھى، جۇڭشىن خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى ھەمدە گېرمانىيە سېمېنس، ئاممىباب گۇرۇھى قاتارلىق ئون نەچچە كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى جۇڭگو-گېرمانىيە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقى جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سودا خادىملىرىنىڭ ۋىزىسىنى قولايلاشتۇرۇپ، باراۋەر رىقابەتلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىپ، جۇڭگو-ياۋروپا سودا رىقابىتىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى، تەكلىپ بەردى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى بازارنى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كارخانىلارغا ئوخشاش كۆزدە قارايدۇ ھەمدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ. بۇ قېتىمقى جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئەنخۈيدە ئۆتكۈزۈلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇ يۇرتۇم ئەنخۇي بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، مەن جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك كارخانىچىلارنىڭ جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسىم بازىرىغا دىققەت قىلىپ، ئوتتۇرا غەربىي قىسىمغا مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى كېچياڭ يەنە گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ كەسپىي مائارىپىغا قاتنىشىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىشىپ ئۈچىنچى تەرەپتە بازار ئېچىشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ ئالايىتەن جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنى مىسال ئېلىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-گېرمانىيە كارخانىلىرى قارشى تەرەپ بىلەنلا بولماستىن بەلكى نەزىرىنى دۇنياغا تىكىشى كېرەك. يىغىندىن كېيىن ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى 15 ھەمكارلىق ھۆججىتىنىڭ ئىمزالىنشىغا شاھىد بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر