باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسى ھەققىدە ئاساسىي جەھەتتىن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى

2015.11.02 08:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشقانلار 30-ئۆكتەبىر ۋېنادا يەتتە سائەت كېڭىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېتەكچىلىكىدىكى سۇرىيەنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى باشلاش ھەققىدە ئاساسىي ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، يىغىنغا قاتناشقان 17 دۆلەت ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى شۇ كۈنى كۆپ نۇقتىلىق بىر ھەرىكەت پىلانىنى ماقۇللاپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سۇرىيەدە مەملىكەت مىقياسىدا ئۇرۇش توختىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىياسىي مۇساپىنى قايتىدىن باشلاشنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارەت قىلىشى ئاستىدا، سۇرىيەنىڭ كەلگۈسى رەھبىرىنى ئەركىن سايلاشنى قوللىدى. سۇرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى شۇ كۈنى ۋېنادا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە قاتارلىق خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، بۇ رايوندىكى تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، مىسىر، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەر ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر