باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ تۆت قەدەملىك رامكىلىق پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويدى

2015.11.02 08:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى لى باۋدۇڭ تۈنۈگۈن ۋېنادا سۇرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەتلەر دىپلوماتلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  لى باۋدۇڭ جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ تۆت قەدەملىك رامكىلىق پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. بىرىنچى، ئالاقىدار تەرەپلەر زوراۋانلىقنى توختىتىشى ھەمدە تېررورىزمغا زەربە بېرىش ھەققىدە ۋەدە بېرىشى. ئىككىنچى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر سىغدۇرۇشچان، باراۋەر سۆزلىشىپ ۋە كېڭىشىپ، جەنۋە ئاخباراتى ئاساسىدا سىياسىي مۇساپىسىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى بالدۇرراق ئوتتۇرغا چىقىرىشى. ئۈچىنچى، خەلقئارا كاپالەتنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇش يولىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش. تۆتىنچى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتىدىن قۇرۇش مۇساپىسىنى باشلاپ، سۇرىيەدىكى ھەر قايسى گۇرۇھلارغا تىنچلىقنىڭ پايدىسىنى يەتكۈزۈشى كېرەك.

  سۇرىيە مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى تۈنۈگۈن ۋېنادا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو، ئامېرىكا، رۇسىيە قاتارلىق خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، ئىران، مىسىر، ئىراق قاتارلىق رايون دۆلەتلىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋەكىل ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر