باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنسىتىرلىقىمىز شى جىنپىڭنىڭ ۋېتنام ۋە سىنگاپوردا زىيارەتتە بولۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2015.11.02 08:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەئىس شى جىنپىڭ 5-ۋە 6-نويابىر ۋېتنامدا، 6-ۋە 7-نويابىر سىنگاپوردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ، دىپلوماتيە مىنىستىرلىقىمىز 30-ئۆكتەبىر جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋېتنام، سىنگاپوردا زىيارەتتە بولۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى،مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى ليۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سىنگاپوردىكى زىيارىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ سىنگاپوردا زىيارەتتە بولۇش داۋامىدا، زۇڭتۇڭ چېن چىڭيەن بىلەن كۆرىشىدۇ، زۇڭتۇڭ چېن چىڭيەن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ۋە كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە قاتنىشىدۇ، زۇڭلى لى شيەنلوڭ بىلەن كۆرىشىدۇ ھەمدە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا بىرلىكتە قاتنىشىدۇ يەنە جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋېۋىسكىسىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ، كۆرۈشۈش ۋە سۆھبەتتە رەئىس شى جىنپىڭ سىنگاپور رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ھەرقايسى ساھەدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو سىنگاپور مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ياخشى پىلانلاپ، نىشان كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ يەنە پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، پەن تېخنىكا، شەھەرلەرنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش ئەمەلىي ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى، ليۇ جېنمىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىشىنىمەنكى بۇ قېتىمقى زىيارەت جۇڭگو بىلەن سىنگاپور مۇناسىۋىتى سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپلىك ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ ھەمدە جۇڭگو بىلەن شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلىمى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى لى جۈن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋېتنامدا زىيارەتتە بولۇشىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ، دۆلەت رەئىسى جاڭ جىنچۇاڭ، ھۆكۈمەت زۇڭلىسى رۈەن جىنيوڭ ۋە پارلامېنت رەئىسى رۈەن شېڭشيوڭ بىلەن ئايرىم ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ، كۆرىشىدۇ، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت، ھەرقايسىسىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىتى، ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، كەلگۈسىدىكى جۇڭگو ۋېتنام مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە باش شۇجى رۈەن فۇجۇڭ بىلەن بىرگە جۇڭگو ۋېتنام ياشلىرى ۋە دوست ئەربابلار پىكىر ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتنىشىدۇ، ۋېتنام پارلامېنتىنى زىيارەت قىلىدۇ ھەمدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ، لى جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپ ۋېتنامدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ئىككى پارتىيە ھەمكارلىقى، تەرەققىيات ئىستراتېگيەسى ئالاقىسى، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، ئىقتىساد، سودا مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت مائارىپ ۋە چېگرىدىكى ئۆلكىلەر ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ھۆججىتىگە ئىمزا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر