باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پراۋا نومۇرىنى باشقىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بەرگەنلەرنىڭ پىراۋىسى ئالتە ئاي تۇتۇپ قىلىنىدۇ ۋە 2000 جەرىمانە قويۇلىدۇ

2015.11.04 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن قانۇن- تۈزۈم ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە،«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(قاراپ چىقىشقا يوللانغان نۇسخىسى)» بويىچە توردا ئاشكارا پىكىر ئېلىش باشلاندى.

  قاراپ چىقىشقا يوللانغان نۇسخىسىدا بەلگىلىمە قوشۇلغان، ھەقىقى ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىگە ۋەكالىتەن جەرىمانە تۆلىگەن ۋە نومۇرىنى تارتقۇزغان ھەم ئارىدىن ئىقتىسادىي نەپ ئالغانلارنىڭ پراۋىسى ئالتە ئاي تۇتۇپ قىلىنىدۇ ۋە 1000 يۈەندىن يۇقىرى 2000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. ھەقىقىي ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىگە ۋەكالىتەن جەرىمانە تۆلىگەن ھەم نۇمۇر تارتقۇزغان، ئارىدىن ئىقتىسادىي نەپ ئالغانلار جازالانغاندىن كېيىن، يەنە خىلاپ قىلسا، شۇنداقلا ھەقىقىي ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچىگە ۋەكالىتەن جەرىمانە تۆلەش ۋە نومۇر تارتقۇزۇشقا تەشكىللىسە، باشقىلارنى تونۇشتۇرسا ھەم ئارىدىن ئىقتىسادىي نەپ ئالغانلارغا 15 كۈندىن تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇش جازا بېرىلىدۇ ھەم 2000 يۈەندىن يۇقىرى 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، پىراۋىسى ئىناۋەتسىز قىلىنىدۇ، بەش يىلغىچە قايتا شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. قانۇنسىز تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ.

  يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن جىنايى ئىشلار قانۇنى( جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى-9 )2015- يىلى 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن يولغا قويۇلىدۇ. «يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى»(«قاتناش قانۇنى» دەپ قىسقارتىپ ئېلىندى)نىڭ بەلگىلىمىسىگە ئالاقىدار يول قاتناش قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارغا مەمۇرىي جازا بېرىش ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى (9)نىڭ ئالاقىدار خەتەرلىك ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايى قىلمىشىغا ئالاقىدار بەلگىلىملەرنىڭ جىپسىلىشىشى ئۈچۈن، تەستىقلاشقا يوللانغان نۇسخىسى ۋۇجۇدقا كەلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر