باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە مىسىردا چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈردى

2015.11.03 09:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن رۇسىيىنىڭ مەملىكەتلىك تەزىيە كۈنى بولۇپ، ئالدىنقى كۈنى مىسىردا چۈشۈپ كەتكەن رۇسىيىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى. رۇسىيىنىڭ پايتەختى موسكۋادا كىرىمىل سارىيى قاتارلىق ھۆكۈمەت بىنالىرىدا بايراقنى يېرىم چۈشۈرۈش شەكلى ئارقىلىق بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى.

  بۇ قېتىمقى ئايروپىلان ھادىسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلار رۇسىيىنىڭ 2-چوڭ شەھىرى سانكىت پىتىربورىگتىن ئىكەن. مەزكۇر شەھەرلىك ھۆكۈمەت مۇنۇلارنى جاكارلىدى: تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ. شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورگانلىرى رۇسىيە بايرىقى بىلەن شەھەر بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ، بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرىدۇ. سانكىت پېتىربورگ شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شەھەرلىك ھۆكۈمەت رۇسىيىلىك بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە تولۇقلىما بېرىش قارارىنى تىزدىن چىقىرىدۇ. سانكىتپىتىربورگتىن بولمىغان رۇسىيىلىك بەختسىزلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگىمۇ تولۇقلىما بېرىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر