باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سەمەرقەنتكە يىغىلدى

2015.11.03 09:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 1-نويابىر ئۆزبېكىستاننىڭ 2-چوڭ شەھىرى سەمەرقەنتتە ئېچىلدى.

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كىررى، ئۆزبېكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى كامىلوف، قازاقىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئىدىرىسوف، قىرغىزىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇلدايىف، تاجىكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ھاسىلوف، تۈركمەنىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى مىللەتتوف يىغىنغا قاتنىشىپ، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ، ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىشىش ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى قاتارلىقلار ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىندا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن ئامېرىكىنىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىق بىرلەشمە باياناتى ئىمزالاندى. ئۆزبېكىستان زوڭتۇڭى كېرىموف شۇ كۈنى كىررى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە خەلقئارا ، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇردى. كېرىموف مۇنداق دېدى: ئۆزبېكىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى كۈنسايىن چوڭقۇرلاشماقتا، سودا سوممىسى تەدرىجىي كۆپەيمەكتە. ئامېرىكىدىكى داڭلىق چوڭ تىپتىكى كارخانا ئۆزبېكىستانغا مەبلەغ سېلىپ ، ھەمكارلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. كىررى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە تۈرتكە بولۇش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا پايدىلىق بولغان بارلىق ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلەرگە باشتىن ئاخىر ئەھمىيەت بېرىدۇ، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە ھەر ۋاقىت تەييار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر