باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى:يىل ئاخىرىغىچە ھەر بىر ئۆلكە نوپۇس ئسىلاھاتى لايىھەسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك

2015.11.04 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى چۈشتىن سائەت 3 دە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 5- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدىكى 13- بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى ياخشى تۈزۈشكە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەردى.

  ھازىر قوللىنىۋاتقان بىر نەچچە تەدبىر مۇنداق: بىرىنچى نوپۇسقا ئېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يېزىدىن كۆچۈپ كېتىش ئارزۇسى بار، ئىقتىدارلىقلارنى شەھەر، بازارلاردا ئولتۇراقلاشتۇرۇش. بۇلتۇر گوۋۇيۈەن نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات پىكرىنى تارقاتتى، ھازىرغىچە 25 ئۆلكە(رايون، شەھەر) نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، يىل ئاخىرىغىچە ھەر بىر ئۆلكە(رايون، شەھەر)نىڭ لايىھەنى ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىرىنچىدىن يېزىدىن كۆچۈپ كېتىدىغانلارنىڭ شەھەر، بازار نوپۇسىغا ئېلىنغاندىن كېيىن، شەھەر، بازار جامائەت مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولىدۇ. مەن بۇ جامائەت مۇلازىمىتىنىڭ يادروسىنى«بەش ئىش» دەپ چۈشەندىم، يەنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، مائارىپ. بۇ بەش جەھەتتىكى جامائەت مۇلازىمىتى بولسىلا، يېزىلادىن كۆچۈپ كەلگەنلەر شەھەرلەردە تۇرالايدۇ. ئىككىنچىدىن «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش» مېخانىزمى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېزىلاردىن كۆچۈپ كەلگەنلەرنى نوپۇسقا ئېلىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش. «ئۈچنى چېتىپ قويۇش»مالىيە يۆتكىمە چىقىمى بىلەن يېزا كۆچمە نوپۇسىنى شەھەرلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش،شەھەر، بازار قۇرۇلۇشى بويىچە يېڭىدىن كۆپەيگەن كۆرسەتكۈچ بىلەن يېزا كۆچمە نوپۇسىنى نوپۇسقا ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈش، مەركەزنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش بىلەن يېزا كۆچمە نوپۇسنى شەھەرلەشتۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش. ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، شەھەر، بازارلىق ھۆكۈمەتلەرنىڭ يېزا كۆچمە نوپۇسىنى شەھەر، بازار نوپۇسىغا ئېلىشقا مەدەت بېرىش. جايلاردا يەنە ياخشى ئۇسۇل چارىلەر بار ، ئەلۋەتتە، بىز خۇلاسىلەپ، بىۋاستە ئومۇملاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرمەكچى بولۇۋاتىمىز. شۇنى تەكىتلەيمەنكى، شەھەر، بازارلىشىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم ۋەزىپىسى- يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر