باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

6-قېتىملىق جۇڭگو، ياپۇنىيە، كورىيە رەھبەرلەر يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سىئولدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.11.03 08:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6-قېتىملىق جۇڭگو، ياپۇنىيە، كورىيە رەھبەرلەر يىغىنى شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سىئولدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ، كورېيە زۇڭتۇڭى پاك گونھى، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا پاك گونھى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو - ياپونىيە - كورىيەنىڭ ھەمكارلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى ۋە كەلگۈسىگە نەزەر سالدى، ھەمدە رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇردى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە- قۇرۇقلۇق دېڭىز بىلەن چېگىرلىنىدىغان قوشنا دۆلەتلەر، ئوخشاشلا شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە تەۋە، شۇنداقلا شەرقىي ئاسىيادىكى ئۈچ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە، رايون ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە. ئۈچ دۆلەتنىڭ ئەلئارا بېرىش-كېلىش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارزۇسى كۈچلۈك، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئىدىيەسى يەنىلا ئاساسىي ئېقىم. جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنى مېخانىزمى ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن قايتىدىن باشلاندى، بۇ ئاسان قولغا كەلمىدى. نۆۋەتتە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاجىز، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە، ئاسىيانىڭ ئىقتىسادى ئىستىقبالى دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو -ياپونىيە-كورېيە قورۇلمىلىق ئىسلاھاتغا تۈرتكە بولۇشقا بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىساد دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى ئارقىلىق، شەرقى ئاسىيا، ھەتتا ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  لى كېچياڭ جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ھەمكارلىقى توغرىسىدا مۇنداق كونكرېت تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتىكى ئىشىنىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىساق؛ ئىككىنچى، ئۆز-ئارا سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا كەسىپ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرساق؛ ئۈچىنچى، شەرقىي ئاسىيا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدىساق؛ تۆتىنچى، قورۇلمىلىق ئىسلاھاتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىسەك؛ بەشىنچى، سىجىل تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت ياراتساق؛ ئالتىنچى، ئىجتىمائىي ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتسەك.

  لى كېچياڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ كۈچى. بىز تىنچ تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۇسۇلىدا، يارىشىش ھەمكارلىق يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىمىز.

  يىغىندىن كېيىن ئۈچ دۆلەت «شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى بىرلەشمە خىتابنامە»نى ئېلان قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر