باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇش ئېتىبارلىق سىياسىتىنىڭ مۆھلىتى تۈنۈگۈن توشتى

2015.11.03 08:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا پۇقرالىرىنىڭ رۇسىيىدە تۇرۇش ئېتىبارلىق سىياسىتىنىڭ مۆھلىتى تۈنۈگۈن توشتى. ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي رايونىدىكى مۇساپىرلاردىن باشقا ئۇكرائىنا پۇقرالىرى رۇسىيىدە تۇرسا ئىجازەتكە ئېرىشىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇكرائىنا پۇقرالىرى مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىغا ئوخشاش رۇسىيىدە تۇرۇش رەسمىيىتى بىجىرمىگەن، ئەمگەك ئىجازىتى ئالمىغان ئەھۋالدا يېرىم يىل ئىچىدە رۇسىيىدە تۇرغان ۋاقتى 90 كۈندىن ئېشىپ كەتكەمەسلىكى كېرەك. ئەگەر بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، جۈملىدىن چېگرىدىن چىقىش ۋاقتىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، قانۇنسىز ئىشلەمچىلىك قىلسا، ئۇلارغا يەنە چېگرىدىن كىرىشى رەت قىلىنىش جازاسى بېرىلىدۇ.

  ئۆتكەن يىلى ئۇكرائىنانىڭ شەرقى رايونىدىكى توقۇنۇش كەسكىنلەشكەنلىكتىن،رۇسىيە يۇقىرىقى ئېتىبارلىق سىياسەتنى يولغا قويدى. ئۆتكەن يىلى 4-ئايدىن ھازىرغىچە، 400مىڭدىن ئارتۇق ئۇكرائىنا مۇساپىرى رۇسىيەگە كىردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر