باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا پارلامېنتى قەرز چېكى ۋە ئىككى يىللىق جام چوت لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2015.11.03 08:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، ئامېرىكا پارلامېنتى قەرز چېكى ۋە ئىككى يىللىق خام چوت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇ قانۇن لايىھەسىدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا نۆۋەتتە تەخمىنەن 1 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى قەرز كۆلىمى ئاساسىدا 2017- يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىق زايوم تارقىتىشقا ھوقۇق بېرىلدى. بۇ يېڭى زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقىشىدىن ئىلگىرى، دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قەرز چېكى مەسىلىسىدە تالاش تارتىش قىلىشنىڭ زۆرۆريىتى قالمىغانلىقىدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتات ھۆكۈمىتىنىڭ ئەھدىنامىگە خىلاپلىق قىلىش خەتىرىنىڭ ۋاقتىنچە ھەل قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

  بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە 2016- يىللىق مالىيە يىلى بىلەن 2017- يىللىق مالىيە يىلىدا قوشما ئىشتات مالىيە چىقىمى خام چوتىنى 2011- يىلى ماقۇللانغان خام چوتنى كونترول قىلىش تۈزۈمى قانۇن لايىھەسىدىكى بەلگىلىمىدىكى چىقىم سەۋىيەسىدە 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا تەڭشىلىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما 30- ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللانغانلىقىنى قارشى ئالدى، ھەمدە بۇ قانۇن لايىھەسىدە كەلگۈسى ئىككى يىلدا ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەت مەبلىغى بېكىتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تاقىلىپ قىلىپ ئىقتىسادقا زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىپ قىلىندى دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر