باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان C919 ناملىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئومۇمىي قۇراشتۇرۇشىنىڭ پۈتكەنلىكى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئاۋىياتسىيەدە ۋەتەنگە جان پىدا قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ قورال-جابدۇق ياساش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2015.11.03 16:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلىتىمىز ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياسىغان C919 ناملىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى 2-نويابىر شاڭخەيدىكى جۇڭگو سودا ئايروپىلانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە ئومۇمىي قۇراشتۇرۇشنى تاماملىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، تەتقىق قىلىشقا قاتناشقان ئورۇن ۋە خادىملارنى قىزغىن تەبرىكلەپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ ئاۋىياتسىيەدە ۋەتەنگە جان پىدا قىلىش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىخەتەرلىك، سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىللىق بىلەن تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئېلىمىزنىڭ قورال-جابدۇق ياساش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ چوڭ ئايروپىلانىنى بالدۇرراق ئاسماندا قاناتلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپىلەرنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دېدى: جان تىكىپ ئالغا ئىلگىرىلەش روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەقلى، ئومۇمىي خەلقنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى مۇجەسسەملەپ، ئېلىمىزنىڭ چوڭ تىپتىكى ئايروپىلاننى ئۆزى تەتقىق قىلىپ ياساش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، زامانىۋى پۇقرالار ئايروپىلانى كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قورال-جابدۇق ياساش ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ياسىمىچىلىقتىكى كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.C919 ناملىق چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانى دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارانىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرۇپ كۆرۈش ئۆلچىمى بويىچە تەتقىق قىلىپ ياسىغان غول لىنىيەلىك پۇقرالار ئايروپىلانى، ئاساسىي ئارىلاش دەرىجە بويىچە 158 ئورۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۆلچەملىك ئۇچۇش مۇساپىسى 4075 كىلومېتىر، پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى 2008-يىلى تەتقىق قىلىپ ياساشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، 2016-يىلى تۇنجى قېتىم ئۇچۇرۇش پىلانلاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە : خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر