باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇدىرى پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە خىزمەتتىن ھەيدەلدى

2015.11.03 14:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-نويابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئاپتونوم رايونلۇق نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ سابىق پارتگۇرۇپپا شۇجىسى، مۇدىرى جاۋ گومىڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىگە قارىتا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جاۋ گومىڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدە مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارارىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى باشلامچى كارخانىسى دەپ ئېتىراپ قىلغان، نامراتلارنى يۆلەش ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل قاتارلىق ئالاقىدار سىياسەت ۋە بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قارارنى قەستەن چىقارغان. ئېغىر تەشكىلىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇشتا بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلغان. پاكلىق ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزگەن ھەمدە مال-مۈلۈك ئالغان. خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان، يالغان مەلۇم قىلىش، ساختىلىق ۋاستىسىنى قوللىنىپ دۆلەت مالىيەسىدىن پۇل ئاجرىتىپ، زور ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىستىل جەھەتتە خاتالىق ئۆتكۈزۈپ باشقىلار بىلەن ناتوغرا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، خىزمىتىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارۈە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، پۇل–مېلىنى قوبۇل قىلىش مەسىلسى قانۇنغا خىلاپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەن. (مەلىكەم تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر