باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يول تارماقلىرى يولۇچىلار جىسمانىي تاسادىپى زىيان-زەخمەت سۇغۇرتىسىنى يولغا قويدى

2015.11.02 15:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  31-ئۆكتەبىر جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، تۆمۈر يول تارماقلىرى جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىغا ئارخىپقا ئالدۇرۇش ئارقىلىق، 1-نويابىردىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدە پويىزغا ئولتۇرغان يولۇچىلارنى تۆمۈر يول يولۇچىلار جىسمانىي تاسادىپى زىيان-زەخمەت سۇغۇرتىسى كەسپى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، يولۇچىلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن سۇغۇرتىغا قاتناشسا بولىدىكەن.

  تۆمۈر يول يولۇچىلار جىسمانىي تاسادىپى زىيان-زەخمەت سۇغۇرتىسى-سۇغۇرتىلانغۇچى سۇغۇرتا مەزگىلىدە كۈچكە ئىگە پويىزغا ئولتۇرۇش ئىسپاتى بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى يولۇچىلار پويىزىغا ئولتۇرغاندا تاسادىپى زىيان-زەخمەتكە ئۇچراپ قازا قىلىش، مەجرۇھ بولۇش ياكى يارىلىنىپ داۋالىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، تۆمۈر يول سۇغۇرتا شىركىتى ۋەدە بويىچە سۇغۇرتا پۇلى تۆلەپ بېرىدىغان بىر خىل سۇغۇرتا مۇلازىمىتىنى كۆرسىتىدۇ.

  تۆمۈر يول باش شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم تۆمۈر يول يولۇچىلار جىسمانىي تاسادىپى زىيان-زەخمەت سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇشتىن مەقسەت يولۇچىلارنىڭ كۆپ خىللاشقان، قولاي، خاسلاشقان مۇلازىمەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، يولۇچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشىنى قوشۇلما قىممەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر