- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە ئەمەلدارى:رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا پارچىلىنىپ كەتكەن
2015.11.02 15:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نىراجىكو تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتكەن رايوندىن يىغىۋېلىنغان ئايروپىلان سۇنۇقلىرىدىن قارىغاندا، ئايروپىلان يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا پارچىلىنىپ كەتكەن.
رۇسىيە كىگارىم ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مىسىرنىڭ شامشەيىختىن رۇسىيەنىڭ سانكىتپىتىربورگقا ئۇچقان بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 31-ئۆكتەبىر ئەتىگەندە ئۇچۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي مىسىردىكى سىناي يېرىم ئارىلى ئالىش رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ھاسانا تاغلىق رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن. ئايروپىلاندا 217 يولۇچى ، يەتتە ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى رۇسىيەلىك ئىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر