باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-سانلىق يىغىنى ئېچىلدى

2015.11.02 08:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 17-سانلىق يىغىنى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ مىڭچىنىڭ ئۇرۇقلۇق قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتى خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، خەير-ساخاۋەت مەدەنىيىتىنى ئەۋىج ئالدۇرۇش، خەير-ساخاۋەت قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى، ئىئانە قىلغۇچى، پىدائى، مەنپەئەتلەنگۈچى قاتارلىقلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، خەير-ساخاۋەت قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شېڭمىڭ بۇ ھەقتە ئىزاھات بەردى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن چىقىرىشنى پىلانلاش تەلىپىگە ئاساسەن، خەلقئارا قانۇننى تولۇق تەتقىق قىلىش، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىشىنى سېلىشتۇرۇش، بولۇپمۇ ئېلىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە ئېتىياجىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا، چوڭقۇر دېڭىز ئاستى رايونى بايلىقىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش قانۇنى لايىھەسىنى تۈزدى. مۇھىت ۋە بايلىقنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لۇ خاۋ بۇ ھەقتە ئىزاھات بەردى. دۆلەتلىك ئاخبارات، نەشرىيات، رادىيو، كىنو، تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەي فۇچاۋ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسىغا بىنائەن كىنو كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسى ھەققىدە ئىزاھات بەردى. دۆلەتلىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بى جىڭچۈەن «گوۋۇيۈەنگە دورىنى بازارغا سېلىش ئىجازەتنامىسىگە ئىگە بولغۇچىلار تۈزۈمى سىنىقى ۋە دورىنى رۇيخەتكە ئېلىش، تۈرگە ئايرىش ئىسلاھاتى سىنىقى خىزمىتىنى يولغا قويۇش ھوقۇقى بېرىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى» ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىگە قاراپ چىقىش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. مالىيە مىنىستىرى لۇ جىۋېي «ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ بانكىسى كېلىشىمى» نى تەستىقلاش ھەققىدىكى تەكلىپ لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدا ئىزاھات بەردى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ما ۋېن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئۇرىت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن جيەنگولارنىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى قاراپ چىقىشقا سۇنغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپ لايىھىلىرىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ نيويوركتا 4-قېتىملىق دۇنيا پارلامىنت باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەققىدىكى يازما دوكلاتقا قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا يەنە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خې يېخۇينىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى ھەققىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ يىغىندا ۋەزىپىگە قويۇش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ھەققىدىكى باشقا لايىھەلەرگە قاراپ چىقىلدى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر